شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىدىن چاقىرىق

نەچچە كۈندىن بېرى ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ سەتچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار خەلقىمىز ئارىسىدا زۇر غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، دەرھال شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى بۇ مەسلىنى تەشكىلات پىرىنسىپىغا تايانغان ھالدا ئادىل بىر شەكىلدە ھەل قىلىشقا چاقىردى. ئارقىدىن بىر نەچچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئاۋاز قوشۇپ بايانات بەردى.
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ باياناتلار ۋە خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا تۈنۈگۈن بىر قارار ئېلان قىلدى. بۇ قاراردا ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ «30 يىللىق خىزمىتى» ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىزمەت سۈپىتىدە باھا بىرىپ موقۇملاشتۇرۇلۇپ، بۇ سەتچىلىكنىڭ ئىچىلىشى ۋە بەزى «دەلىل-ئىسپاتلار» نىڭ «ھىدايەت ئوغۇزخان ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنى يىقىتىشنى ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ھەرىكەت» ئىكەنلىكى كەسكىن جاكارلانغاندىن كىيىن، ھىدايەت ئوغۇزخاننىڭ ۋاقىتلىق ئىستىپا بىرىشىنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بولۇش سۈپىتىمىزبىلەن ھەر قاچان خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق. بۇ قېتىممۇ بۇ «سەتچىلىك» كە قارشى بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەق- ئادالەت تەرەپتە ۋە خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ بۇ قارارىنى ئادىل، توغرا، خەلقچىل ۋە پىرىنسىپال قارار دەپ قارىمايمىز.
بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى بۇ ھەقتە جىددىي كېڭەش قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئۆز مەيدانىمىزنى بىلدۈرۈشنى توغرا تاپتۇق:
1. «سەتچىلىك» كە چېتىشلىق ھىدايەت ئوغۇزخان ۋە ئەتراپىدىكى ئۇنىڭغا يانتاياق بولغان بىر قىسىم كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى ھىدايەت ئوغۇزخان بىلەن بىرلىكتە ئىستىپا بىرىشكە چاقىرىمىز.
2. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى… قاتارلىق تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە ئۇستازلارنى جىددىي تەرەپسىز بىر ئورگان تەسىس قىلىشقا، ھەقىقىي سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ نامزاتلىقىدا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى كەڭ خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىمىز.
3. يېڭى تەرتىپلەنگەن باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە تەرەپسىز ئورگان بۇ «سەتچىلىك» نى جىددىي تەكشۈرۈپ چىقىپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ جەريانى ۋە مەسىلىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ۋە قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسا، قانۇن ئورۇنلىرىغا سۇنۇلۇشىغا چاقىرىق قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى
2025-يىلى 02- ئاينىڭ 18- كۈنى