رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر

رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر
1. رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالى قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر
2. رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىشتۇر
3. رابىيە قادىر: تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى قوينى بۆرىنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ بېرىشتۇر
بىرقانچە كۈندىن بېرى تايلاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ۋە رەسمىي ئاخباراتلاردا خەۋەرلەر تارقالماقتا. خىتاي تۈرمىسىدە 6 يىل يېتىپ چىققان بىر سابىق مەھبۇس، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر رەھبەر سۈپىتىدە ئېيتىمەنكى، بۇ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىر خەۋەر. چۈنكى كامبودجادىن 2010 -يىلى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى، ئارىلىرىدىن ئىككىسىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ۋە بىرسىنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تېخى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلاندى. خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھامىلدار ئايال شەھىدە قۇرباننىڭمۇ قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ۋە قېيىن-قسىتاقتىن 4 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بايان قىلىندى. بىر ھامىلدار ئايالغىمۇ مەرھەمەت قىلمىغان بىر ھاكىمىيەت، تايلاندىن قايتۇرۇلغان 48 نەپەر ئۇيغۇرغا نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋەۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋتى شەك-شۈبھىسىزكى ئۆلۈم بولىدۇ، تايلاندنىڭ قىلمىشى قوينىڭ قوزىسىنى بۆرىنىڭ ئېغىزىغا سېلىپ بەرگەندەك ۋىجدانسىزلىق ۋە نائەھلىلىك بولىدۇ.
ئىشنىڭ قورقۇنۇچلۇق تەرىپى يالغۇز، بۇ 48 كىشى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىلا ئەمەس، خەلقارادا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئەمگىكى نۆلگە تەڭ بولغان، ۋەتەندە لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتۇقۇزش ئەمەس، كۆز ئالدىدىكى پاناھلانغۇچى ئۇيغۇرلارنىمۇ قۇتقۇزۇشقا كۈچى يەتمىگەن بولىدۇ. خەلقئارا ئادالەتتىكى بۇ ئاجىزلىق خىتاينى ۋە خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دىكتاتور دۆلەت ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ نەتىجىسىنى دۆلەت ئىچىدە كۆز-كۆز قىلىپ تۇرۇپ مەزلۇم خەلقلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدۇ، ئۆزىنىڭ تەختىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
يېقىنقى 10 يىلدا خىتاي مىسىردىن، مالايشىيادىن، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن، ھىندونوزىيەدىن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىن مىڭلارچە پاناھلانغۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىنى قايتۇرۇپ ئەكەتتى، ئۇلاردىن بىرسىنىڭمۇ سىرتتا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق؛ ئەكسىنچە ھەممىسىنىڭلا تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمىنىڭ قېيىن قىستاقتىن ياكى ئېغىر ئەمگەكتىن ئاجىزلاپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە يۈزلەرچە ئاخبارات خەۋەرلىرى بار. مانا مۇشۇ ۋەزىيەتتە، تايلاندىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە سۈكۈت قىلىش ئىنسانىي تۇيغۇرلىمىزنى يوقاتقان، زالىمنىڭ زۇلۇمىغا بويۇن ئەگكەن، قاتىلنىڭ ۋەھشىلىكىگە كۆنگەن ۋە ئۇنىڭغا كۆز يۇمغانغا باراۋەردۇر. شۇڭا مەن، تايلاندىكى 48 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ، خەلقئاارا قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ چەيلەنمەسلىكى ئۈچۈن، مەن بارلىق ھەقنى سۆيەر دۆلەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى نوپۇزلۇق شەخىسلەرنى ئۆز دۆلەتلىرى ئارقىلىق تايلاندقا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئېھتىمال قارارىنى بىكار قىلدۇرۇشقا ۋە خىتايغىمۇ ھەددىنى بىلدۈرۈپ قويۇشقا چاقىرىق قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر